ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى سەن جياجېڭ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچلىنىشى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دېگەن پەرەزلەر، خىتاينى ياخشى تونۇماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئەندىشلەردىن ئىبارەت، دېدى.
خىتاي مەدەنىيەت مىنستىرى دۈشەنبە كۈنى، ۋاشىنگتوندىكى مىللىي مەتبۇئات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىغا تەھدىت دېگەن پەرەزلەرنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلمىگەنلىكنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، لېكىن خىتاي بۇ كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتاي ھەققىدە ئاللىبۇرۇن ھۆكۈمىنى چىقىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندىن بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھەققىدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى يېڭى ئورنىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەنپەتلىرى ئۈچۈن تەھدىت ياكى تەھدىت ئەمەسلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالماقتا. (قانات)