ئەنگلىيە تەتقىقات ئورنى: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى، ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت

باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى يېقىندا يىللىق "ھەربىي تەڭپۇڭلىقى دوكلاتى" نى ئېلان قىلىپ، "خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋېلىشىشى، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا" دەپ بىلدۈردى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋېلىشىشى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ھەربىي كۈچىنى ئاكتىپچانلىق بىلەن كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە خىتاينىڭ تەيۋەن ئارىلىغا توغرىلاپ قويغان باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ سانى 1000 غا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھەربىي كۈچىنى مەقسەتلىك ھالدا دېڭىز سىرتىغىچە كېڭەيتكەن.

خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى بۇ يىللىق دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشى تەيۋەننىلا نىشانلىغان بولماستىن، ھەتتا دېڭىز ساھىلىنى ھالقىغان ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنىڭمۇ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى يازغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرىنى كىچىكلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ قوراللىق قىسىم ئومۇمىي ئەسكەر كۈچى 2 مىليون 225 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكىرى 1 مىليون 600 مىڭ، دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى 225 مىڭ ۋە ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرى بولسا 400 مىڭغا يېتىدىكەن. (پەرىدە)