تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتايدىن كېلىدىغان 10 چوڭ تەھدىتنى قىياس قىلدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ، تەيۋەن دۆلەت تۇرغۇزۇش مەھكىمىسىگە دوكلات سۇنۇپ، تەيۋەن دۆلەت بىرلىكى كومىتېتى ۋە پروگراممىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھەربىي تەرەپنىڭ كەلگۈسىدە 10 خىل ئۇسۇلدا تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ، تەيۋەن بوغىزىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى تاقاش، قەرەللىك ھالدا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بىلەن تەيۋەن بوغىزىنى چارلاش ياكى ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلىش، خىتاي ئايرۇپىلانلىرى ياكى پاراخوتلىرىنى ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى ئوتتۇرا سىزىقتىن ھالقىتىش ھەتتا ئالاھىدە قىسىم ئەترەتلىرىدە تەيۋەن رەھبەرلىرىنى سۈيقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈش مەشقلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش ئۇسۇللار بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسىگە تەھدىت قىلىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوكلاتىدا يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەربىي مەشقلەرنى كۆپەيتىپ، يېڭى تىپتىكى قوراللىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىشى مۇمكىن. ھەتتا ئىشپيونلارنى سېلىش ۋە كومپيۇتېر قارا مېھمانلىرى ئارقىلىق تەيۋەن ھاكىمىيىتىگە زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن" دەپ يازغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دوكلاتىغا قارىتا قانۇن تۇرغۇزۇش مەھكىمىسىدىكى گومىنداڭچىلار گۇمان بىلەن قاراپ، بۇ دوكلاتنى بىر ئاز مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن دەپ كۆرسەتتى. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جيې گەرچە ھازىر خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا بىنورمال ھەرىكىتى كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن تەيۋەننىڭ ھەر دائىم ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييار تۇرۇشى ۋە بۇ جەھەتتىكى ھۇشيارلىقنى يۇقىرى كۆتىرىشى زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى. (پەرىدە)