پۈتۈن دۇنيادا خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دېڭىز يۈزىدىن 10 مېتىر تۈۋەن جايلارنىڭ 75% ى ئاسىيادا


2007.03.28

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 28 ‏- مارت كۈنى ئوسلودىن خەۋەر قىلىشىچە، يەر شارى ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر دېڭىز تېشىش خەۋپى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. دۇنيا بۇيىچە خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دېڭىز يۈزىدىن 10 مېتىر تۈۋەن جايلارنىڭ 75% ى ئاسىيادا، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا كېلىۋاتقان تەھدىت ئەڭ چوڭ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر پۈتۈن يەرشارى نوپۇسىنىڭ 10 دىن بىرى دېڭىز يۈزىدىن 10 مېتىر تۈۋەن جايلار دا ياشايدۇ. بۇنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاسىيادا. ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغان خىتايدا 143 مىليون ئادەم دېڭىز بويلىرىدىكى يۇرتلاردا ياشايدۇ. دېڭىز تېشىش خەۋپىگە يۈزلەنگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە خىتاي يۈزلىنىۋاتقان خېيىم-خەتەر ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن قالسا ھىندىستان، بېنگال، ۋېتنام، ياپونىيە، مىسىر، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر. بۇ دۆلەتلەردىكى دېڭىز بۇيىدا ياشايدىغان نوپۇسنى قوشقاندا، دۇنيا بۇيىچە تەخمىنەن 6 يۈز مىليون ئادەم ھازىر خەۋپ ئاستىدا.

تەتقىقات دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېڭىز بويلىرىدىكى يۇرتلارغا تېز سۈرئەت بىلەن نوپۇس كۆچمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلار كۆپ. كېلىدىغان خېيىم-خەتەرمۇ، بايلارغا قارىغاندا نامراتلار ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.