چېن شۈيبيەن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلدى
2005.05.03
تىنچ ئوكياندىكى مارشال تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى تەيۋەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ 1992 - يىلى "بىر جوڭگو" مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى ئايدىلڭلاشتۇرۇشقا چاقىردى.
چېن شۈيبيەن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەيۋەن بىلەن 92 - يىلى "بىر جوڭگو" مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش دېگەنلىك مەۋجۇت ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن. چېن شۈيبيەن خۇ جىنتاۋنى تەيۋەنگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە، ئەگەر 92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش مەۋجۇت بولمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالماسلىققا چاقىرغان. ئۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە مۈشۈك ئېيىقى سوغا قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مۈشۈك ئېيىق قىممەتلىك ھايۋان، بۇنىڭدا خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك. مۈشۈك ئېيىق سوغا قىلىش بىرلىكسەپكە باغلاپ چۈشۈندۈرۈلىدىغان مەسىلە بولماسلىقى كېرەك."
بۇ ئارىدا خىتاي كومپارتىيىسى تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ زەيشى، مۈشۈك ئېيىق سوغا قىلىش تەيۋەنكلىكلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇ پەيدا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ زەيشى، ئەگەر چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچمىسە، بېيجىڭنىڭ چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ چېن شۈيبيەننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن پرېزدېنتى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى
- چېن شۇيبيەن، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى
- چىن شۈيبيەن " بىر دۆلەت ، ئىككى خىل تۈزۈم" نى رەت قىلدى
- خىتاي بىلەن فىلىپپىن بىر يېرىم مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى تۈزدى
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ليەن جەن خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدۇ