خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چىقارغان ئەر- ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر پارچە دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئاياللارنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە بىر قەدەر ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاياللار يەنىلا ئەرلەردىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىكەن.
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېزىلىرىدىكى كەمبەغەل نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاياللار ئىگىلەيدىكەن. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتىمۇ ئەرلەردىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن. ئەمما دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئورگانلىرىدا ئاياللارنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاران 18٪ ئى ئاياللار ئىكەن. شۇنداقلا خىتاي مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسىدىكى 9 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئايال يوق ئىكەن.
دوكلاتتايەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر يۈرۈش چارىلەرنى قوللانغانلىقى، بولۇپمۇ ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە ئاياللارنى ئىلىپ - سېتىش ئەھۋاللىرىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. (پەرىدە)