تەيۋەن "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى قاتتىق تەنقىد قىلدى

"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسى" نىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، تەيۋەننىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. چۈنكى بۇ قانۇن، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلسا، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئارمىيىسىگە قانۇنى ئاساس يارىتىپ بېرىدىكەن.

گۇئاتېمالا ۋە ئالسالۋادور نى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتكەن تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ليو شيۇليەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خىتاينىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرى، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇننىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي بايراقلىرىنى كۆيدۈرۈپ، تەيۋەنلىكلەرنى مەزكۇر قانۇنغا قارشى بىر مىليون كىشىلىك بىر نامايىش تەشكىللەشكە چاقىردى.

تەيۋەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى چو جۇڭ تەينىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇننىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلىنغانغا ئوخشاشلا بىر ھەرىكەت ئىكەن . پۈتۈن تەيۋەن خەلقىنىڭ مەزكۇر قانۇنغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تەيۋەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى، بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ قانۇنغا قارشى چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى بۇ قانۇن شەرقى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە جىددى بىر تەھدىد ھېسابلىنىدۇ، دېدى . (قانات)