بېيجىڭ ساقچىلارغا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلماقتا


2006.04.28

جوڭگو دائىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، پايتەخت بېيجىڭدا 4000 دىن ئارتۇق ساقچىغا 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەربىيە يىغىنى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان تاسادىپىي "تېررورلۇق ۋەقەلىرى" گە قارشى تۇرۇش تەلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىشكە باشلىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ساقچىلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 2 يىللىق تەلىم تەربىيە مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە ئېنگلىز، فرانسۇز، گېرمان، ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى چياڭ ۋېي، تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىدىنى "ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتۇر. بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈچلۈك بىر قوشۇنغا ئىھتىياجىمىز بار،" دەيدۇ. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئاتېنا ئولىمپىك يىغىنى ياكى سالت لېيك شەھىرىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئەكسىنچە، خەلقئارا جەمئىيەت ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە ئەمەس.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ پىلانى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى چەكلەش ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەر، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېلان سەنئەت، تارقىتىش ۋە ئاخبارات ئىشلىرىنى ئامېرىكىنىڭ Hill and Knowlton شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ شىركەت بىر تەرەپتىن جوڭگونىڭ ئوبرازىنى تىكلەش، يەنە بىر تەرەپتىن جوڭگونىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى چەكلەش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.