جەنۇبىي جوڭگو ھاۋا يوللىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ماڭغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى گۇاڭجۇدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئايرۇپىلانغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دېگەن تەھدىتى خېتى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئايرۇپىلان ئۇچۇش سەپىرىدىن ۋاز كېچىپ گۇاڭجۇغا مەجبۇرى قونغان.
بىخەتەرلىك خادىملىرى ئايروپىلاندا 2 سائەتتەك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بومبا ئۇچراتمىغان. ئاۋسترالىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ باياناتچىسى جېف رافولونىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەنۇبىي جوڭگو ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى گۇاڭجۇ ئايدۇرۇمىدىن قوزغىلىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دېگەن تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋېلىپ، گۇاڭجۇ ئايدۇرۇمىغا قونغان ۋە ئايرۇپىلان 2 سائەتتىن كېيىن قايتا ئۇچۇپ ئەتىسى ئاۋستىرالىيىگە ئامان - ئىسەن يېتىپ بارغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايرۇپىلان گۇاڭجۇ ئايدۇرۇمىغا قايتىپ كېلىپ 2 سائەت تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار نىمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىگەن. (ئەركىن)