خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ماقۇللىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 2005- يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمنى 27- ئاۋغۇست كۈنى ماقۇللىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان بىلەن ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001- يىلى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمنى تولۇقلايدىغان بىر كېلىشىم ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى، خىتاينىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەڭ جىددىي تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلاشقان دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا كۆپ تەرەپلىمە كېلىشىملەر ئىمزالىماقتا.
سىياسى مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ خاھىشى بويىچە قارارلار ئېلىشقا زورلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ۋۇ داۋېي بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، ئۈچ خىل كۈچلەر پاكىستان خەلقىنىڭ ھەمدە پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى تەھدىت قىلماقتا، شۇڭا خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى كېرەكلىك ئىدى، دېگەن. (قانات)