خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك ھەرىكىتى تېررور تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
2007.09.11
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك يىغىنىدا، تېررورچىلىق كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتنى تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرى جۇ يۇڭكاڭ يېغىندا قىلغان سۆزىدە،" گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئاساسەن تۇراقلىق بولسىمۇ، بىز يەنىلا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتىمىز" دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەر، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ، تېررورچىلىقنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدا ئون يىلدىن بېرى ھېچقانداق جىددىي تېررورلۇق پائالىيىتى يۈز بەرمىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خەلقئارا جامائەتكە ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، تېررورچىلىقنى ھېلىمۇ ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكولىننىڭ ئېيتىشىچە، ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى پائالىيەتلەرنىمۇ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- خىتاي ئارمىيىسى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ
- خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر باشلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى بەلگىلىگەن
- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
- خىتاينىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى "ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش"
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ
- خىتاي دائىرىلىرى پرېزىدېنت بۇشنى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشكە دىنىي تون كىيدۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى