خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ


2006.02.17

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزىدىغان دائىمى كومىتېت يىغىنىدا، ب د ت چىقارغان تېررورچىلىقنىڭ مالىيە مەنبەسىگە زەربە بېرىش ئەھدىنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تېررورچىلىقنىڭ مالىيە مەنبەسىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئەھدىنامىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - فېۋرالدىن 29 - فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان 4 كۈنلىك يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ئەھدىنامىنى ماقۇللاش مەملىكەت سىرتىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تېررورچىلارنى مالىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق ئىكەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " بۇ جۇڭگونىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش قەتئىلىكى ۋە جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش رولىنى ئوينايدۇ" دېدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئەھدىنامىغا 2001 -يىلى 11 - ئايدا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق قۇرۇلتىيى بۇنى ئەمدى مۇزاكىرىگە قويغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەملىكەت سىرتىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ مالىيە ياردىمىنى ئالىدىغان مەملىكەت ئىچىدىكى تېررورچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى تېررورچى، خىتاينى " تېررورچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەت" دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە زەربە بەرمەكتە، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.