ھۆكۈمەتكە ئەرزىنى ئاققۇزالمىغان دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەشكىللىنىشكە باشلىغان


2006.11.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جايلاردا يۈز بەرگەن يەر ئىگىلەش مەسىلىسىدىن ھەرخىل توقۇنۇشلار پارتلىدى. دېھقانلار ھۆكۈمەتكە ئەرزىنى ئاققۇزالمىغاندىن كېيىن، ئەرزىيەتچىلەر تارقاق ھالدا ئەرز سۇنۇشتىن توپلىشىپ ئەرز سۇنۇشقا يۈزلەندى. ھازىر بۇنداق شەكىل تەرەققى قىلىپ، ئەرزىيەتچىلەر ئۆزلىرى پۇل توپلاپ 'زېمىن قوغداش ۋەكىلى' ياكى 'زېمىن قوغداش ئەترىتى' ياكى 'دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى' تەشكىللەپ، يەر ئىگىلىگۈچىلەرگە قارشى يەر-زېمىن ئۇرۇشى قىلىشقا باشلىدى. بۇنداق تەشكىلاتلار ھازىر چوڭ شىركەتلەردىن، ھەتتا پارتىيە ئىچىدىنمۇ ئەزا توپلاشقا باشلىدى.

شەنشى ئۆلكىسىدىكى زېمىن قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى جۇ جۈنبياۋ مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا 'بۇرۇن دېھقانلار سېلىقنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن داۋا قىلاتتى، دېھقانلار ئىش ئېغىر كەلسە ياكى قېيىنچىلىق تارتسا كۆتىرىۋىرىدۇ، ئەمما ھازىر يەر -زېمىنىدىن مەھرۇم قېلىپ تۇرمۇش مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالدى. دېھقانلار ئەمدى بۇنى ھەرگىز كۆتۈرمەيدۇ' دېگەن. ھۆكۈمەتنىڭ 'يېرىم ئايلىق سۆھبەت 'دېگەن ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر ئەنخۈي، جياڭسۇ، جېجياڭ، خېنەن، سىچۇەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردە پەيدا بولۇۋاتقان يەر-زېمىننى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش شەكىللىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.