خىتاي مەتبۇئات تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا جامائەتچىلىككە توغرا تونۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى


2006.12.28

مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇپ، چىرىكلىك قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى پاش قىلغان يەرلىك مۇخبىرلارنى تۈرمىگە تاشلاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، چەتئەل مەتبۇئاتىنى خىتاي توغرىسىدا تەرەپسىز خەۋەر بەرمەيۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، مەسىلىلەر ھەققىدە خەلقئارا جامائەتچىلىككە توغرا چۈشەندۈرۈش بېرىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ كۆپرەك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي ۋۇ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىدا": تۇنۇلغان بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەر، خىتاينى كۆرمىگەن ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەتنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر نىڭ سۆزلىرى. بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاتالمىش ھۆججەتلەرگە تايىنىپ، خىتاي ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلماقتا" دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەن، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېلەر يىلى مىللىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 9 يېڭى بۆلۈمنىڭ، داۋاملىق چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەتبۇئات بىلەن ئالاقە قۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1‏- يانۋاردىن كېيىن، 2008‏- يىللىق ئولىمپىك تەن ھەرىكەت يېغىنى ھارپىسىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن چەتئەل مۇخبىرلىرىگە بېرىلگەن چەكلىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھەربىي رايونلارنى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىشى ھەققىدىكى چەكلىمە يەنىلا بىكار قىلىنمىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.