خىتاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتمەكتە


2005.02.03

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئانالىچىلار، ئامېرىكا كۈچىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق دېرىكتورى جەيمىس ۋۇلسى قاتارلىق ئاخبارات ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىغا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ۋە باشقا رايونلىرىدىكى مەنپەئەتىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان.

جەيمىس ۋۇلسى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "ھۆكۈمىتىمىز زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. بىراق بىز كەلگۈسىدە، خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىغىمۇ سەل قارىساق بولمايدۇ. مەسىلەن، تەيۋەن بوغۇزىدا" دىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى،ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت- ئېتىبارىنى بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيىن خارمان "بىز خىتايدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بىراق بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئاساسلىق دىققەت -ئېتىبارىمىز خىتايدا بولمىدى. بىز چوقۇم خىتايدىكى مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بولىمىز" دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا 15 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى مۇمكىنچىلىكى بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ياۋرۇپا بىرلىكىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.