سانت لۇكىئا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا قالدى


2007.04.27

سەيشەنبە كۈنى سانت لۇكىئا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، Rufus Bousquet سانت لۇكىئانىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ سانت لۇكىئادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۇر دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى جىددىي تەلەپ قىلىپ، سائىنت لۇكىيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى. چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سائىنت لۇكىئادىكى ئەلچىخانا باياناتچىسى بىل ياڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: "بىز ئۇلار بىلەن قولىمىزدا ۋاقىت بار پەيتىدە بىۋاستە كۆرۈشۈشنى خالايمىز ".

سائىنت لۇكىئانىڭ باش مىنىستىرى John Compton نىڭ پارتىيىسى تەيۋەن بىلەن 13 يىل مۇناسىۋەت ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پارتىيىسى 1996 ‏- يىلى ئەمگەك پارتىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.

سائىنت لۇكىئا 168مىڭ نوپۇسقا ئىگە. سائىنت لۇكىئا 1984 - يىلى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، 1997-يىلى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تەيۋەندىن قول ئۈزگەن ئىدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇئاڭ جىفاڭ مۇنداق دېدى: "بىز خىتاينىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق، ئەمما سائىنت لۇكىئانىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدۇق".

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 27- ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ۋە تەيۋەن "دوللار دىپلوماتىيىسى" نى قوللىنىپ، ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلارنى ئۇتۇشقا تېرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.