ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 16 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەيۋەن ھەققىدە مۇھىم تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى
2007.05.02
بۈگۈن، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ستېۋ شابوت قاتارلىق 16 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە 136 - نومۇرلۇق تەكلىپ قويۇپ، تەيۋەندە خەلق سايلىغان پرېزىدېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى جەھەتتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ 136 - نومۇرلۇق تەكلىپ لايىھىسىدە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان نوقتا ئىكەنلىكى، ئامېرىكا - تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە سۆزلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپتە 1994 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان "كۆچمەن ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە"نىڭ 221 - ماددىسىدىكى 'تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىغا كىرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك" دېگەن بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سانت لۇكىئا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا قالدى
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- قىسقا خەۋەرلەر
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (3)
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)
- تەيۋەن خىتاينى تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى ئورگىنىغا ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتمەكچى