ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 16 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەيۋەن ھەققىدە مۇھىم تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى


2007-05-02
Share

بۈگۈن، 5 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ستېۋ شابوت قاتارلىق 16 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە 136 ‏- نومۇرلۇق تەكلىپ قويۇپ، تەيۋەندە خەلق سايلىغان پرېزىدېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى جەھەتتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ 136 ‏- نومۇرلۇق تەكلىپ لايىھىسىدە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان نوقتا ئىكەنلىكى، ئامېرىكا - تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە سۆزلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپتە 1994 ‏- يىلىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان "كۆچمەن ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە"نىڭ 221 ‏- ماددىسىدىكى 'تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىغا كىرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك" دېگەن بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت