ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى قوللىمايدۇ
2007.05.03
تەيۋەن ھەربىي قىسىملىرى ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزگەن 'خەنگۇئاڭ' بەلگىلىك ھەربىي مەشقتە، خىتايدىكى مۇھىم ھەربىي نوقتىلارغا ھۇجۇم قوزغايدىغان، مۇساپىسى ئالدىن ھېسابلاپ بېكىتىلگەن تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مودېلىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يېقىندا "ھۇجۇم قوزغايدىغان قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىسىز، ئامېرىكا پەقەت تەيۋەننىڭ ھۇجۇم خاراكتىرلىق قورال ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنىلا قوللايدۇ" دېگەن.
2005 - يىلى ئىمزالانغان ئامېرىكا -ياپونىيە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى' نىڭ دائىرىسىگە تەيۋەنمۇ كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئەمما بۇ ئەھدىنامىنىڭ ھازىر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىسى كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش مەسىلىسى ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ ھەدەپ كۆپەيتىلىۋاتقان ھەربىي خامچوتى مەسىلىسى.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنىلا، دۆلەت ئىچىدە دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق نىشانلىرىغا قاتنىشىشنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېرورچىلىقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
- سانت لۇكىئا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا قالدى
- خىتاي، سانت لۇكىئا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
- خىتاي ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېرىغا تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللىدى