سەيشەنبە كۈنى تەيۋەندە، 4 كۇن داۋاملىشىدىغان "خەنگۇۋاڭ 23" ( خىتاي شۆھرىتى) ناملىق ھەربى مانېۋىر تەيۋەندىكى ئۈچ رايوندا ئوخشاشمىغان ۋاقىتتا باشلىنىپ، تۇنجى كۈندىكى مانېۋىر نەتىجىلىك تاماملاندى.
تەيۋەن مۇداپىئە قىسىملىرى خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا تەقلىد قىلىنغان ھۇجۇمغا ئايرۇپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ تاقابىل تۇردى.
مەزكۇر مانېۋرنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا تەيۋەننىڭ خىتاي ھۇجۇمىغا قارىشى ھەربى تەييارلىق ئەھۋالىنى سىناش بولۇپ،مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مانېۋىرىغا كۈرەشچى ئايرۇپىلان، قوغدىغۇچى پاراخوت ۋە تىكئۇچارلار ئىشقا سېلنىغان ۋە جەمئىي 1800 ھەربىي خادىم قاتناشقان.
بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىرىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلغان تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ مانېۋېر تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ خىتاي ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتە خەلق كۆڭلىنى ئەمىن قىلغان.
ئىككى يىل ئىلگىرى بېيجىڭ تەرەپ قارار ماقۇللاپ، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىملىق مانېۋېر تەيۋەن بۇ يىل خەن گۇۋاڭ نامىدا ئېلىپ بارغان مانېۋرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى بولۇپ، تەيۋەن 1984-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر نۆۋەت مۇشۇ خىلدىكى مەنىۋەر ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. (جۈمە)