چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىيەن، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئەندىشىلىرىگە رەدىيە بەردى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى، تەيۋەننىڭ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىدا ياكى بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدىغان چاغدا، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىپ كەلگەن ئىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىيەن بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ": تەيۋەن، ئەزەلدىن بىر مۇستەقىل دۆلەت، قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق " دېدى.

چېن شۇيبىيەن مۇخبىرلارغا، تەيۋەننىڭ " تەيۋەن " دېگەن نام بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

چېن شۇيبىيەن يەنە": تەيۋەننىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىقتىسادىي، ئارمىيىسى، ئەدىلىيە ۋە قانۇنىي بار، شۇڭا مۇستەقىل بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىسپاتلىنىپ كەلدى. جوڭگۇ كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، تەيۋەننى خالىغانچە ئۆزىگە بويسۇندۇرىمەن دەپ قارىماسلىقى لازىم " دېدى. (ئەقىدە)