دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، دەيدۇ

شەنبە كۈنى تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۇ شى كۈن، ئەگەر دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 2008‏-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپسانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق غەلىبە قىلىسا، ئامېرىكا ئاتالمىش بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قايتىدىن كۈزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، دېگەن.

"تەيۋەن يېڭى ئەسىر فوندى جەمئىيىتى" تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يېغىندا سۆز قىلغان يۇ شى كۇن، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ 2004‏- يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ " بىر جۇڭگو سىياسىتى‏"‏- ھەققىدە شەك ۋە شۈبھە ئىزھار قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 2008‏-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا 2004‏- يىلىدىكىدىن كۆپرەك ئاۋاز قولغا كەلتۈرەلىسە، ئامېرىكا " بىر جۇڭگو سىياسىتىنى" چوقۇم كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

ئۇ، 2008‏- يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تەيۋەندە مەۋجۇت نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى مەسىلە بىر تەرەپ بولماي تۇرۇپ، تەيۋەندە مەۋجۇت باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ، كۆرسەتتى.

تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۇشى كۈن سۆزىدە، يېقىندا تەيۋەن ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سناشتا، تەيۋەن خەلقىنىڭ 70% ئۆزلىرىنى تەيۋەنلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى پەقەت 10% كىشىنىڭ ئۆزلىرىنى خىلاپلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىىپادىلىگەنلىكىنى، تەكىتلىگەن. (ئۆمەر قانات)