تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ


2007.07.07

تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جوزىف ۋۇ، ۋاشنگتوننىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە تارتىش مەسىلسىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

جوزىف ۋۇ، پەيشەنبە كۈنى ۋاشنگتوندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭ ياۋچېڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، "تەيۋەن خەلقى ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. دېكتاتورلۇقتىن دېموكراتىك بىر جەمئىيەتكە ئۆزگىرىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەيۋەن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ياخشى بىلىدۇ" دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇ، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەن تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا خوڭ كوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭ ياۋچېڭ، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى گاۋ جېشىڭ غا بېرىلگەن "جاسارەتلىك پائالىيەتچى مۇكاپاتى" نى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن. گاۋ جېشىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ئامېرىكىغا كېلەلمىگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭ ياۋچېڭ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرىنىڭ مەقسىتى مۇكاپات ئېلىش ئەمەس، خىتاي خەلقىنى، خىتاي كوممونسىتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدىن قۇتقۇزۇش،دېدى.

سۆزىدە، گاۋ جېشىڭنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بېسىملىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ ياۋچېڭ، تەيۋەن خەلقىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى كۆرۈشكە ھەمدە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.