تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
2007.12.05
تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، جاڭ كەيشىنى ئۇلۇغلايدىغان بېغىشلىمىلارنى ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
ب ب س نىڭ 5 - دېكابىر كۈنى بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرىگە گومىنداڭچىلار قارشىلىق بىلدۈرگەندە، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ما يىڭجۇ جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيىدىكى بېغىشلىمىلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ تاشلاش قانۇنسىز، دەپ جاكارلىدى ۋە گومىنداڭ پارتىيىسى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان تەيبېي شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نەق مەيدانغا ساقچى ئەۋەتتى. تەيۋەن مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ نەق مەيدانغا ساقچى ئەۋەتتى. گەرچە 'ئېغىز جېڭى' بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېغىر ۋەقە يۈز بەرمىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمىتى 'جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيى'نى چېقىش ۋە جاڭ كەيشىنى 'مىللەتنىڭ نىجات يۇلتۇزى'، ' ئۇلۇق ئەرباب' دەپ مەدھىيىلەيدىغان بېغىشلىمىلارنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، گەرچە گومىنداڭچىلار بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جاڭ كەيشى ھەيكەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.
شۇنداقلا، بۇ خاتىرە ساراينى قۇرغان ئورگانغا 20 مىليون تەيۋەن پۇلى جەرىمانە قويۇلغان ئىدى. ھازىر تەيۋەن ھۆكۈمىتى جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تەدبىر قوللانماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى
- تەيۋەن خەلقى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى قوللاش ھەرىكىتى
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
- چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- تەيۋەن، بېيجىڭنى تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى