خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قوراللارنى سېتىپ بېرىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى ئۈزۈشكە قىستىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ، خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" دېدى.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە پ-3ك ئوۋچى تىپلىق سۇئاستى پاراخوتىغا قارشى رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە سىم - 2 تىپلىق ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي قورال-ياراقلارنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى باياناتىدا: "بۇ قورال - ياراق سېتىپ بېرىش پىلانى، قورال - ياراق سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ ( تەيۋەننىڭ) سىياسىي مۇقىملىقىنى ھەمدە شۇ رايوندىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ "بىر دۆلەتلىك ئورنىنى ھۆرمەت قىلىمىز"، دەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. (جۈمە)