ما يىڭجيۇ، ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا


2008.03.25

22‏ - مارت كۈنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يىڭجيۇ، ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، تېخى پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى باشلىماي تۇرۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. چۈنكى ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى. مانىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلسا، بۇ ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، ما يىڭجيۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇنى تەبرىكلىگەن تۇنجى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى قوزغىلاڭ تۈپەيلىدىن ناھايىتى جىددىي بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرۈشنى خالىمايدۇ، دېيشمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ سەۋەبتىن ما نىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىگە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا ئىكەن.

لېكىن،خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بەزى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ما يىڭجيۇ، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ سىياسەتلىرىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك، دېيشمەكتە.

بۇ ئارىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان مايىڭجيۇ ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيىتتە، سەيشەنبە كۈنى، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئېھتماللىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.