تەيۋەن خىتايدا ئىشلەنگەن ئالتە خىل ئاياغقا قارىتا تۆكۈپ سېتىش بېجى ئېلىشقا باشلىدى
2007.07.11
تەيۋەن مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 3 - ئايدا، تەيۋەنگە ئىمپورت قىلىنغان خىتايدا ئىشلەنگەن ئالتە خىل ئاياغقا قارىتا 43% تىن تۆكۈپ سېتىش بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ قارارنى يېقىندا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئۆز ماللىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ خىتايغا قارىتا قوللانغان بۇنداق جازالاش تەدبىرى 2012 - يىلىغىچە داۋام قىلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندە بۇلتۇردىن باشلاپ خىتايدا ئىشلەنگەن لۈڭگىنى تۆكۈپ سېتىشقا قارشى تەدبىر قوللىنىلىپ، 204% تىن باج ئېلىش باشلانغان ئىدى. بۇ يىل يەنە ئالتە خىل ئاياغقا قارىتا تۆكۈپ سېتىشقا قارشى باج ئېلىش باشلاندى. بۇنىڭغا قارىتا قارشى تەرەپنىڭ پىكرى بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن، ماللارنى تۆكۈپ سېتىشقا قارشى قوللانغان ئاشۇرۇپ باج ئېلىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن باج نېسبىتىنى تەڭشەش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنسا بولىدكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ
- خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ 5 دەن بىر قىسىمىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى بايقالدى
- تەيۋەن دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش پىلانىدىن ۋاز كەچمىدى
- خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى 'تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەۋەككۈلچىلىق' دەپ جاكارلىدى
- لى دېڭخۇينىڭ ياپونىيىدىكى شەخسىي زىيارىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاينى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا 'بىر جۇڭگو سىياسىتىنى' كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، دەيدۇ
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ