چىن شۈيبيەن تەيۋەن خەلقىنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى
2007.09.03
تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، تەيۋەن ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا چاقىردى.
پرېزىدېنت چىن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى، تەيبىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەيۋەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ كەيشىنىڭ، 1970 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ، ھەم تەيۋەن ھەم خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى چوڭ سىياسىي خاتالىق دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " پرېزىدېنت جياڭ كەيشىنىڭ قارارى، تەيۋەننى خەلقئارادا ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرۇپ، بۈگۈن قايتىدىن ب د ت غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن بۇنداق بىر ھەرىكەت باشلىشىمىزغا سەۋەب بولدى" دېگەن.
چىن شۈيبيەن، تەيۋەن خەلقىدىن 15- سېنتەبىر كۈنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاش مەقسىتىدە، تەيۋەننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان گاۋشيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشقا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىلتىماسقا قول قويغانلار سانىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە 8 مىليون كىشىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا، فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئونلىغان كىشى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى دىننىس ۋىلدەرنىڭ، تەيۋەن دۆلەت ئەمەس، دېگەن باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاقساراينىڭ خادىمى دىننىس ۋىلدەر ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، " تەيۋەن بىر دۆلەت ئەمەس، شۇڭا ئۇ ب د ت غا ئەزا بولالمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: " تەيۋەن بىر مۇستەقىل دۆلەت"
- تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەيۋەننىڭ رەسىمىي ئىسىمىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى
- تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملاشماقتا
- تەيۋەن پرېزىدېنتى، بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكا سەپىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- تەيۋەن مۇھىت مەسىلسىدە خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييار
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشى مۈمكىن
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- تەيۋەن خىتايدا ئىشلەنگەن ئالتە خىل ئاياغقا قارىتا تۆكۈپ سېتىش بېجى ئېلىشقا باشلىدى