چېن شۈيبيەن : تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تامامەن ھەقلىق
2007.09.11
خىتاي تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپىگە قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تامامەن ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى، پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تەيۋەن توغرا نام قوللىنىشى، ئاساسىي قانۇن تىكلەش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى كېرەك ،" دېدى.
چېن شۈيبيەن سۆزىدە يەنە ، كېلەر يىلى 3 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى ئۈستىدە خەلق رايىنى سىناشنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش پىلانى، تەيۋەن بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئارىدا يەنە ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىن نارازى بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتايدىكى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى باياناتچىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، چېن شۈيبيەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن راي سىناش ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىدى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
خىتاي ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلدى، بولۇپمۇ تەيۋەندە كېلەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنى ، تەيۋەن مۈستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەندە مىڭلىغان كىشى مۇستەقىللىقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- خۇ جىنتاۋ تەيۋەندە يولغا قويۇلىدىغان 'ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇش' نى بۆلگۈنچىلىك دەپ جاكارلىغان
- چىن شۈيبيەن تەيۋەن خەلقىنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: " تەيۋەن بىر مۇستەقىل دۆلەت"
- تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەيۋەننىڭ رەسىمىي ئىسىمىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى
- تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملاشماقتا
- تەيۋەن پرېزىدېنتى، بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكا سەپىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- تەيۋەن مۇھىت مەسىلسىدە خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييار
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىشى مۈمكىن