تەيۋەندە يۈز مىڭلىغان كىشى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى


2007.09.15

شەنبە كۈنى تەيۋەندە يۈزمىڭلىغان كىشى، پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەننىڭ، تەيۋەننى ب د ت غا ئەزا قىلىش ھەرىكىتىنى قوللاپ، نامايىش ئۆتكۈزدى.

تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان گاۋسىيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا 5 يۈز مىڭ ئادەم قاتناشقان. لېكىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 150 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، يىغىلىشتا قىلغان سۆزىدە،" بىز تەيۋەن ئسىمى بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىمىز ھەمدە خەلقىنىڭ رايىنى سىناش يەنى رىفراندوم ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتكە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى كۆرسىتىمىز" دېدى. سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چىن شۈيبىيەن " بىز ھېچقاچان بۇنداق بىر قاراشنى قوبۇل قىلمايمىز. تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل بىر دۆلەت" دېدى.

پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىق ئىپادىلىرىگە قارىماي، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى مەسىلسىدە پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا راي سىناش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان راي سىناشنى، تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىدا تاشلانغان يەنە بىر قەدەم دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەننىڭ بۇ ھەرىكىتى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ دەپ، كۆرسەتمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى 24 دۆلەتنىڭ 15 ي، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا قوبۇل قىلىنىشى توغرىسىدا، 18‏- سېنتەبىر كۈنى ئىچىلىدىغان ب د ت نىڭ يىللىق ئۇمۇمىي يىغىنىغا تەكلىپ سۇنغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.