تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلاشماقتا

تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى كېلەر بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ب د ت نىڭ يىللىق ئومۇم يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنماقچى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ قېتىم يەنە رەت قىلىنىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى 24 دۆلەت قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن "ب د ت دە 1971 ‏- يىلى ماقۇللانغان بېيجىڭدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىگە ئورۇن بېرىش توغرىسىدىكى قارارغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ" دەپ رەت قىلغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ 19 ‏- سېنتەبىر كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا سوتقا ئەرز يوللاشنى ئويلاشماقتا. تەيۋەندە چىقىدىغان 'خىتاي ۋاقىت گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، دېڭىز قاراقچىلىقى دېلولىرى بۇيىچە تونۇلغان ئادۋوكات سۇڭ ياۋمىڭ ئەپەندى 'خەلقئارا سوت دۆلەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەرز سۇنغۇچىنىڭ 'دۆلەت' ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدۇ.

ئەگەر خەلقئارا سوت تەيۋەننى بىر 'دۆلەت' ئەمەس دەپ قارىسا، تەيۋەننىڭ ئەرزى ئاقماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر بۇ مەسىلە ئەمەلىي پاكىتقا ئاساسەن قارالسا، ھامان بىر كۈنى تەيۋەننىڭ سوتتا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ خەلقئارا ۋەزىيەت يارىتىپ بېرىدىغان پايدىلىق شارائىتقىمۇ باغلىق' دېگەن. (ۋەلى)