تەيۋەن ب د ت ئەزالىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2007.09.20
ب د ت ئومۇمى ئىشلار كومىتېتى چارشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تەلىپىنى بۇ نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇم يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردى.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ جيەنيې، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تەلىپى بۇ قېتىم يەنە رەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش تىرىشىچانلىقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ۋاڭ جيەنيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش تەلىپىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تەيۋەننى دۇنياغا نامايەن قىلىش رولىنى ئوينىغان.
تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى چارشەنبە كۈنى ب د ت ئومۇمى ئىشلار كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىنغاندا خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن، تەيۋەننىڭ ئىلتىماسىنى ب د ت ئومۇم يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىش رەت قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،"ب د ت نىزامنامىسى ۋە ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ 2753 -نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپ ھەر قانداق ھەرىكەت، ب د ت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بىر جۇڭگو پرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونى پارچىلايدىغان ئۇرۇنۇشلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنىڭ 15 - قېتىم رەت قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەيۋەننىڭ سۇنغان بۇ يىلقى ئىلتىماسى، پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ ب د ت غا جۇڭخۇا مىنگو، دېگەن نام بىلەن ئەمەس، تەيۋەن، دېگەن ئىسىم بىلەن كىرىشنى ئومۇم خەلق ئاۋازىغا قويماقچى بولۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلاشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- تەيۋەندە يۈز مىڭلىغان كىشى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- چېن شۈيبيەن : تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تامامەن ھەقلىق
- تەيۋەندە مىڭلىغان كىشى مۇستەقىللىقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- خۇ جىنتاۋ تەيۋەندە يولغا قويۇلىدىغان 'ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇش' نى بۆلگۈنچىلىك دەپ جاكارلىغان
- چىن شۈيبيەن تەيۋەن خەلقىنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا كىرىش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: " تەيۋەن بىر مۇستەقىل دۆلەت"
- تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەيۋەننىڭ رەسىمىي ئىسىمىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى