ئامېرىكا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلسىدە رىفراندوم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تەنقىد قىلدى
2007.12.22
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، جۈمە كۈنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلسىدە خەلقنىڭ رايىنى سناش يەنى رىفراندوم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تەنقىد قىلىپ، " بىزچە بۇ پىلان تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ" دېدى. كوندالىزا رايىس باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، تەيۋەن مەسىلسىدە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش تەھدىتىگە شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەرقانداق بىر تەرەپلىمە قارارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، تەيۋەن توغرىسىدىكى باياناتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ، شەنبە كۈنى بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ بىر جوڭگۇ سىياسىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى تەقدىرلەيدۇ ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېگەن.
ئەمما، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، شەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان رىفراندوم ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، "تەيۋەندە ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان رىفراندوم ھېچقاچان تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرمەيدۇ. ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى. خەلقنىڭ رايىنى سىناش، خەلقىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلغانلىقنى كۆرسىتىدۇ" دېدى.
گەرچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رىفراندومنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېتس، جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ مەسىلىنى، ئۆتكەن ئاي بېيجىڭنى زىيارەت قىلغىنىدا، خىتاي رەھبەرلىرىگىمۇ، ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئەسكەرتتى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- رۇسىيە كوسوۋا مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇردى
- كوسوۋا ئالبانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى
- كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى قوللاش ھەرىكىتى
- خىتاي -تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا جاسۇس تۇتۇش بۇيىچە يەنە بىر جىددىي جەڭ باشلاندى
- چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى
- ئىسپانىيىدىكى باسىك تەشكىلاتچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى