تەيۋەن بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئىككى خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇنجى قېتىم پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ، رەقىبى خىتايغا تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلماقچى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى تيەنيۈنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تەيۋەن 10 - ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت بايرىمىدا ، ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان شيۇڭفېڭ3 (دەھشەتلىك بوران) تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تيەنكۇڭ ( كۆك قەھرى) 3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قويۇپ بېرىلىدىغان ئىلغار تىپتىكى قوراللىرىنى پاراتتىن ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
لى مۇنداق دېدى: " قوراللارنى مۇنداق شەكىلدە كۆرگەزمە قىلىش بىر خىل تەھدىت سېلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، شۇندىلا خىتاي كوممۇنىستلىرى تەيۋەننىڭمۇ بوش ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىدۇ".
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، خىتاي تەرەپ 1000 دانىدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تەيۋەنگە قارىتىپ تىزىپ قويۇپ تەيۋەننى بىئارام قىلدى، دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا پاراتتىن ئۆتكۈزۈلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بېيجىڭ تەرەپكە تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شيۇڭفېڭ3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۆپ خىل يېتەكلەش سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى، يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا قارشى ۋە رادار ئەسلىھەلىرىگە قارشى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
مەزكۇر بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 130 كىلومېتىر بولۇپ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە تېخنولوگىيىسى ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى چاڭ لىتىينىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، شيۇڭفېڭ3 نىشانغا ناھايىتى تىز ھۇجۇم قىلغاچقا راداردا بايقاش ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. (جۈمە)