تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى


2007.12.10

تەيۋەن ھۆكۈمىتى 10- دېكابىردىكى كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىلگىرى سىياسىي جىنايەتچىلەر ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۆكتىچىلەر قامالغان ھەربىي سوتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى "جىڭ مېي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى " نى "تەيۋەن كىشىلىك ھوقۇق باغچىسى" دەپ ئۆزگەرتتى.

ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تۈرمە بۇرۇن جاڭ كەيشى تەيۋەنگە كىرگەندىن بۇيان يۈرگۈزگەن ھەربىي ھالەت دەۋرىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىترلىقىغا تەۋە جاي بولۇپ، ھازىرقى تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن ۋە باشقا تەيۋەن سىياسىي سەھنىسىدە پائال ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بىر قىسم شەخىسلەر قامالغان جاي.

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت لۈ شيۇليەن قاتارلىقلار مەزكۇر باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، مۇراسىمغا ئىلگىرى مۇشۇ تۈرمىگە قامالغان سىياسىي جىنايەتچىلەر ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە چېن شۈيبيەن بۇ تۈرمىگە قامىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈرمىگە تاشلانغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

چېن شۈيبيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورۇن ئۇنىڭغا ئىلھام بېغىشلايدىغان بولۇپ، ھازىر تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇننىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا رېمونت قىلىپ، ھەر تۈرلۈك كۆرگەزمە ۋە زىيارەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىدىكەن، كەلگۈسىدە بۇ جاي كىشىلىك ھوقۇق تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى دەرسخانا بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە كىشىلەرنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئاران قولغا كەلگەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قەدرىگە يېتىشكە يېتەكلەيدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.