تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا


2008-01-02
Share

تەيۋەندە مىنجىنداڭ پارتىيىسى 12 ‏- يانۋار كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامىنت سايلىمى بىلەن گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇشنى بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەكلىپ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ھازىرغا قەدەر تېخىچە تالاش-تارتىشتا تۇرماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەندە دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەندە پارتىيە بىلەن دۆلەتنى بىر گەۋدە قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق، ناھايىتى كۆپ يەر-زېمىننى ۋە سانائەت-سودا، پۇل- مۇئامىلە، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ھەر خىل شىركەتلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، دۇنيا بۇيىچە پارتىيە مۈلكى ئەڭ كۆپ پارتىيىگە ئايلانغان ئىدى. گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىگىلىۋالغان ئەسلىدىكى ياپونىيە مۈلكى.گومىنداڭ پارتىيىسى2000 ‏- يىلى تەيۋەندە تەخىتتىن چۈشۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۈلكى 'چەتئەل مەبلىغى' دېگەن نام بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا ئېقىپ كىرىپ سىڭىپ كېتىشكە باشلىدى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن گومىنداڭنى بۇلاڭچىلار گۇرۇھى دەپ ئاتاپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ تەيۋەندە ئىگىلىۋالغان بارلىق مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت