5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، تەيۋەن مەمۇرىي پالاتاسىدا قانۇن ماقۇللىنىپ 'جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيى' نىڭ نامى 'تەيۋەن دېموكراتىيە خاتىرە سارىيى' دەپ ئۆزگەرتىلدى.
'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مەمۇرىي پالاتاسىدا ماقۇللانغان 'جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى' غا ئاساسلانغاندا، 'جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيى' نىڭ نام بەلگىسى 'تەيۋەن دېموكراتىيە خاتىرە سارىيى' غا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئالتە ئايغىچە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى بېكىتىش -رەتلەش ئىشى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭدىكى ھەيكەل، نەقىش، بېغىشلىما، يېزىلما قاتارلىق ھەرخىل بۇيۇملار ئىلمىي قائىدە بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
چوڭ قۇرۇقلۇقتا كوممۇنىستىك پارتىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان جاڭ كەيشى گۇرۇھى 1947 - يىلىدىن باشلاپ تەيۋەن ئارىلىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، 'يىگىرمە سەككىزىنچى فېۋرال ۋەقەسى' دېيىلگەن بىر ۋەقەدىلا 28 مىڭ يەرلىك خەلقنى قىرىپ تاشلاپ، تەيۋەن ئارىلىدىكى يەرلىك خەلقنى جاڭ كەيشىدىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىتكە چۇقۇنۇشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن ئىدى.
ھازىر تەيۋەننىڭ مائارىپ ساھەسىدىلا 40 مىڭدىن ئارتۇق جاڭ كەيشى ھەيكىلى مەۋجۇت. تەيۋەن خەلقى بۇنى يەرلىك خەلققە ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ ھېسابلايدۇ. (ۋەلى)