تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەيۋەننىڭ رەسىمىي ئىسىمىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى

تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پەيشەنبە كۈنى، تەيۋەننىڭ رەسىمىي ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار لايىھىسىدە" تەيۋەن، رەسمىي ئىسىمى بولغان ' جۇڭخۇا مىنگو ' دېگەن ئاتالغۇنى بىكار قىلىپ، 1947 ‏- يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇننىڭ ئورنىغا يېڭى بىر ئاساسي قانۇن تۈزۈپ چىقىشى كېرەك" دېيىلگەن.

خىتاي رەھبەرلىرى 2000‏- يىلىدىن بېرى، يەنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى، مەزكۇر پارتىيىنى تەيۋەندە بۆلگۈنچىلىك سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا دەپ ئەيىبلەپ، تەيۋەن رەھبەرلىرىنى مۇستەقىللىقنى رىغبەتلەندۈرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھىسىنى، مەزكۇر پارتىيىىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا باسقان يېڭى بىر قەدىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار لايىھىسى تەيۋەن بوغۇزىدا مەۋجۇت مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىكەن. (ئۆمەر قانات)