تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

تەيۋەن ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن ساقچى دائىرىلىرى، تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئىدارىسى( BOI) نىڭ جاسۇسلۇققا قارشى خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر خادىمىنى خىتايغا ئىشلەپ بەردى، دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە، تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئىدارىسى( BOI) نىڭ خادىمى خۇ جۇڭمىننىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمى لىن يۈنوڭ، 23- چېسلا يەكشەنبە كۈنى تەيبېي شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا، پۇل ئۈچۈن خىتاي جاسۇسلىرىنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە شۇ كۈنى ساقچىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى خۇ فامىلىلىك بۇ خادىمنىڭ تەيۋەن مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، لىن بىلەن يەنە بىر نەپەر سابىق جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئىشلىگەن خادىم: چېن چىكاۋمۇ قولغا ئېلىنغان.

تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئىدارىسى بولسا خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان جاسۇسلۇققا قارشى ئورگان بولۇپ، تەيۋەن ئاخبارات تارماقلىرى بەرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېن 1997- يىلى مەزكۇر ئىدارىدىن قول ئۈزگەندىن كىيىن خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە بېرىپ بىر نەشرىياتچىلىق شىركىتى ئاچقان ۋە 2005- يىلى لىن يۈنوڭنى خىتايغا ئىشلەشكە كۆندۈرگەن.

تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئىدارىسى( BOI) دىكى خۇ جۇڭمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىن يۈنوڭ ۋە چېن چىكاۋ خىتاي تەرەپنى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە 4 قېتىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ 3000 نەپەر ئىشپىيونىنىڭ ئامېرىكىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. (جۈمە)