تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىۋەتتى

تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا " جۇڭگو " دېگەن نامنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى " جۇڭگو يېزىقى" دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا " خەن يېزىقى" دەپ ئۆزگەرتىشنى، " دۆلەت تىلى " دەپ ئاتاشنى " جۇڭخۇا تىلى " دەپ ئۆزگەرتىشنى شۇنىڭدەك " جۇڭخۇا مەدىنىيىتى" ئاتالغۇسىنى " دۆلىتىمىز مەدىنىيىتى " دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئاي دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ،" تەيۋەن تىل - يېزىقىدا تەڭ باراۋەر بولۇش "قانۇنىغا ئاساسەن تەيۋەننىڭ يەرلىك تىلىنى " دۆلەت تىلى"، تەيۋەنگە چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارنىڭ تىلىنى " جۇڭخۇا تىلى" دەپ ئاتاشنى بېكىتكەن.

تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر قارارى، ئەلۋەتتە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن كۆزەتكۈچىلەر، "بۇ مەسىلە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق يىرىكلىشىشىگە يول ئاچىدۇ"دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)