تەيۋەن كېلەر ھەپتە بىر يۈرۈش ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
2007.05.07
تەيۋەن مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14- ماي كۈنى باشلىنىدىغان ھەربىي مانېۋىرلار جەريانىدا، تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ ھاۋادىن ئېلىپ بارىدىغان ھۇجۇمى جەريانىدا ئاۋىئاتسىيە مەيدانلىرى ۋە ھەربىي بازىلارنى قوغداش ھەمدە خىتاي ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چكىندۈرۈش قاتارلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنى مەشىق قىلىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېلەر ھەپتىدىكى ھەربىي مانېۋىرلار تەيۋەننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى بېڭگو ئارىلىدا شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ھەم شەرقىي ھەم غەربىي رايونلىرىغا جايلاشقان پورتلاردا بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ھەربىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتىنى بارغانسېرى كۆپەيتىشى نەتىجىسىدە، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەڭپۇلۇق بوزۇلۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن بۇ مانېۋىرلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، دېيشمەكتە.
تەيۋەن ئۆتكەن ئاي تۇنجى قېتىم، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، خىتايغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى قوللىمايدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 16 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەيۋەن ھەققىدە مۇھىم تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى
- سانت لۇكىئا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا قالدى
- خىتاي، سانت لۇكىئا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- قىسقا خەۋەرلەر
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (3)