تەيۋەن كېلەر ھەپتە بىر يۈرۈش ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى


2007-05-07
Share

تەيۋەن مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14‏- ماي كۈنى باشلىنىدىغان ھەربىي مانېۋىرلار جەريانىدا، تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ ھاۋادىن ئېلىپ بارىدىغان ھۇجۇمى جەريانىدا ئاۋىئاتسىيە مەيدانلىرى ۋە ھەربىي بازىلارنى قوغداش ھەمدە خىتاي ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چكىندۈرۈش قاتارلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنى مەشىق قىلىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېلەر ھەپتىدىكى ھەربىي مانېۋىرلار تەيۋەننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى بېڭگو ئارىلىدا شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ھەم شەرقىي ھەم غەربىي رايونلىرىغا جايلاشقان پورتلاردا بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ھەربىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتىنى بارغانسېرى كۆپەيتىشى نەتىجىسىدە، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەڭپۇلۇق بوزۇلۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن بۇ مانېۋىرلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، دېيشمەكتە.

تەيۋەن ئۆتكەن ئاي تۇنجى قېتىم، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، خىتايغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت