خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى


2007.10.02

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 ‏- ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىمى پىكىر بايان قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ تەنقىدىدە، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ، تەيۋەننىڭ ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىللە، تەيۋەن دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تەيۋەن خەلقىنى خەۋپ-خەتەرگە ئىتتىرمەسلىككە ئۈندىگەن.

تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ قارارنامىسىدا، "خىتاي جۇمھۇرىيىتى" دېگەن نام تەلەپپۇز قىلىنمىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرۇلتايدا خىتاي جۇمھۇرىيىتى دېگەن نامنىڭ ئورنىغا تەيۋەن نامى قوللىنىلغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يولغا قويۇش لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قارارنى تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ قاراشماقتا.

خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تەنقىدى، خىتايدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان. كۈزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ مەزكۇر قارارنىڭ كەلگۈسى نەتىجىلىرىگە قارىتا سەزگۈر پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.