ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى قوللاش ھەرىكىتى
2007.11.10
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 19 ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسىگە تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىنى قوللاش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھىسى سۇنغان.
پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 18 جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسى ۋە بىر دېموكرات پارتىيىسى ئەزا تەرىپىدىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلغان قانۇن لايىھىسىدە، "تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ 23 مىليون ئاھالىسىنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ھوقۇقى بار. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىنى قوللاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك" دېيىلگەن.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان قانۇن لايىھىسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدە، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەلەپلىرىنى دىققەتكە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ تەشەببۇسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەننىڭ، تەيۋەندە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى مەسىلسىدە خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىش قارارىغا قارشى چىقماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى، چىن شۈيبىيەننىڭ بۇ قارارىنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا تاشلانغان يېڭى بىر قەدەم دەپ قارىماقتا. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي -تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا جاسۇس تۇتۇش بۇيىچە يەنە بىر جىددىي جەڭ باشلاندى
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
- چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- تەيۋەن، بېيجىڭنى تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى
- تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- تەيۋەن ب د ت ئەزالىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ئويلاشماقتا