تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندۇمىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2008.02.01

تەيۋەن مەركىزى سايلام كومىتېتى جۈمە كۈنى تەيۋەندە 3 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن تەڭ، شۇ كۈنى يەنە تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سايلام كۈنى تەيۋەن خەلقى جۇڭخۇا مىنگو دېگەن نامنى بىكار قىلىپ،" تەيۋەن نامى ئاستىدا ب د ت غا قاتنىشىش- قاتناشماسلىق " نى قارار قىلىدۇ.

بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئۆتكەن ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەيۋەن نامى ئاستىدا ب د ت غا قاتنىشىش تەكلىپىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش ياكى قويماسلىق مەسىلىسى تالاش- تارتىش قوزغىغان.

لېكىن گومىنداڭ پارتىيىسى " جۇڭخۇا مىنگو، دېگەن نام ئاستىدا ياكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان شۇنداقلا غەلىبە قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىسىم بىلەن ب د ت غا قايتىش" تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا. دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھىسىدە بولسا ب د ت غا "كىرىش" تەكىتلەنگەن. ئەمما گومىنداڭنىڭ تەكلىپ لايىھىسىدە ب د ت غا قايتىش تەكىتلەنمەكتە.

دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى " ئىغۋاگەرچىلىك"، دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن رېفىراندۇمنى ئاقلاپ، " بۇ ھەرگىز ئىغۋاگەرچىلىك ئەمەس، بەلكى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۈرمەت قىلىش " دېگەن ئىدى. تەيۋەن مەركىزى سايلام كومىتېتى رېفىراندۇم قارارىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە يەنە، بىلەت تاشلاش تەرتىپى ۋە قائىدىلىرىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.