تەيۋەن مەركىزى سايلام كومىتېتى جۈمە كۈنى تەيۋەندە 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن تەڭ، شۇ كۈنى يەنە تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سايلام كۈنى تەيۋەن خەلقى جۇڭخۇا مىنگو دېگەن نامنى بىكار قىلىپ،" تەيۋەن نامى ئاستىدا ب د ت غا قاتنىشىش- قاتناشماسلىق " نى قارار قىلىدۇ.
بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئۆتكەن ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەيۋەن نامى ئاستىدا ب د ت غا قاتنىشىش تەكلىپىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش ياكى قويماسلىق مەسىلىسى تالاش- تارتىش قوزغىغان.
لېكىن گومىنداڭ پارتىيىسى " جۇڭخۇا مىنگو، دېگەن نام ئاستىدا ياكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان شۇنداقلا غەلىبە قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىسىم بىلەن ب د ت غا قايتىش" تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا. دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھىسىدە بولسا ب د ت غا "كىرىش" تەكىتلەنگەن. ئەمما گومىنداڭنىڭ تەكلىپ لايىھىسىدە ب د ت غا قايتىش تەكىتلەنمەكتە.
دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى " ئىغۋاگەرچىلىك"، دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن رېفىراندۇمنى ئاقلاپ، " بۇ ھەرگىز ئىغۋاگەرچىلىك ئەمەس، بەلكى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۈرمەت قىلىش " دېگەن ئىدى. تەيۋەن مەركىزى سايلام كومىتېتى رېفىراندۇم قارارىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە يەنە، بىلەت تاشلاش تەرتىپى ۋە قائىدىلىرىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)