تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە، تەيۋەندە 2008 - يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرىسىدا ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىشنى مۇھىم شەرت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىكورماك ئەپەندى 19 - ئىيون كۈنى، ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا 'بىر جۇڭگو' سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، گەرچە مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەيۋەننىڭ بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا كىرىشىنى قوللىسىمۇ، ئەمما تەيۋەننىڭ بىر ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت سۈپىتىدە كىرىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - ئىيون كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەيۋەن دېگەن نام بىلەن كىرىش توغرىسىدا ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش پىكرىدىن يانمىغان. ئۇلار تەيۋەننىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ ئىشىنى تەيۋەن خەلقى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ پىلانىنى بۇ يىل 9 - ئايدا يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دېموكراتىيە- ئىلغارلىق پارتىيىسى 20 - ئىيون كۈنى ' راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھازىر تەيۋەندە % 70 خەلق تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىنى قوللايدۇ، ھەتتا گومىنداڭچىلارنىڭمۇ % 53 ى بۇنى قوللايدۇ' دەپ جاكارلىغان.
تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق 1949 - يىلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بولسا 1971 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى يوقاتقان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنى 1996 - يىلىدىكى 160 دىن ھازىر 1000 غا يەتكۈزگەن. (ۋەلى)