ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز، دېدى


2006.09.26

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن زېمىنىنى قايتا بېكىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تام كەيسېي، ئامېرىكا پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. كەيسېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ مۇئامىلىسى تەيۋەننىڭ زېمىن چېگرىسىنى ئايرىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن زېمىن چېگرىسىنى ئايرىشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە قايتا ئويلىشىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تەۋە ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت بۇ رىئاللىقنى ئىپادىلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنىدا "جۇڭخۇا مىنگو" چېگرىسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا، ئۇنىڭغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.