تەيۋەندە مىڭلىغان كىشى مۇستەقىللىقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى


2007.09.08

شەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبى شەھىرىدە، مىڭلىغان كىشى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەننىڭ، تەيۋەننى قايتىدىن ب د ت غا ئەزا قىلىش ھەرىكىتىنى قوللاپ، نامايىش ئۆتكۈزدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى يۈ شى كۈن نامايىشتا سۆز قىلىپ، ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى، تەيۋەن جۇمھۇرىيىتى نامى بىلەن قايتىدىن ب د ت غا ئەزا قىلىش ئۈچۈن باشلاتقان ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا، ئاۋسترالىيىنىڭ سىدني شەھىرىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش پىلانىنى، رايوندا خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر پىلان دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

لېكىن تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى مەسىلسىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش پىلانى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى، نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكنى غەزەبلەندۈرگەن بولۇپ، شەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ تەيبىدىكى ئىشخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، تەيۋەن ساقچىلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا نارازى بولغان نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.