ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىمىلىرى يۆتكەپ بېرىلغانلىقى قانداق ۋەقە؟

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىمىلىرى يۆتكەپ بېرىلغانلىقىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چىن گاڭ باياناتىدا، بۇنداق ۋەقە يەنە يۈز بەرسە، تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق بۇزۇلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىن 2006 ‏- يىلىدا تەيۋەنگە يۆتكەپ بېرىلغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان سەپلىمىلىرى ئىچىدە، يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قوزغىتىدىغان 4 دانە باتارىيە بارلىقى بايقالغان ئىدى.

بۇ ۋەقەنى ئامېرىكىدىكى بەش بۈرجەك بىنانىڭ باياناتچىسى ئۇقۇشماسلىق بولغان' دەپ چۈشەندۈردى ۋە بۇنداق سەپلىمىلەرنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، دېدى. (ۋەلى)